باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوسكارنى قوغلاپ ئۆتكەن 20 يىل __ لىئوناردو دىكاپرىئو

كىنو ئوبزورى

2015.02.27 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئالىم) ئۇ «تېتانىك»تىكى رەسسام جېك، ئۇ «نوچى بولساڭ تۇتۇۋال»دىكى فرانك، ئۇ قالتىس گەتىسبي، ئۇ ۋال كوچىسىدىكى بۆرە، جەڭگونىڭ ئايالىنى قىينىغان قورۇق خوجايىنى كالۋىن كەندى. تۈمەن كىشىلەر قەلبىدىكى مەبۇدە __ لىئوناردو دىكاپرىئو.

  1974-يىلى تۇغۇلغان لىئو 1990-يىلى «چوڭ بولۇشنىڭ ئاۋارىچىلىقى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغاندىن بۇيان ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان كىنو-فىلىملەردە ئاجايىپ ئوبرازلارنى يارىتىپ، كىشىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. 1993-يىلى ئىشلەنگەن «ئوخشىمايدىغان ئاسمان» فىلىمى بىلەن 1994-يىللىق ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچى ئارتىس نامزاتى بولغان بولسىمۇ، «جاندىن تويغان قاچقۇن» فىلىمىدە رول ئالغان توممى لى جونىسقا يېڭىلىپ قالدى. 2005-يىلى «ئۇچقۇچى» فىلىمىگە تايىنىپ، ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس نامزاتى بولغان بولسىمۇ، ئوسكار يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.

  2007-يىلى ئىشلەنگەن «قانلىق ئالماس» فىلىمى ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئوسكار نامزاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، «ئاخىرقى ئىستىبدات» فىلىمىدە باش رول ئالغان فورىست ۋىتاكىرغا يېڭىلىپ قالدى. تەقدىر ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. 2014-يىلى ئۇ بىر ئەمەس ئىككى نادىر فىلىمدە باش رول ئالغان بولسىمۇ، «قالتىس گەتىسبى» فىلىمىگە ئاران ئوسكار سەنئەت يېتەكچىلىك ۋە كىيىم لايىھەسى مۇكاپاتى بېرىلدى، «ۋال كوچىسى بۆرىسى» فىلىمى ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتىغا يۆلەپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رەھىمسىز تەقدىر ئۇنى يەنە بىر قېتىم قۇرۇق قول قايتۇردى.

  بىرىنچى قېتىم ئوسكار بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن سالاملاشقاندىن تارتىپ ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىم ئوسكار ئالتۇن ھەيكىلىنى كۆز ئەينەك تاقىماي كۆرگەنگىچە 20 يىل ئۆتتى، ئوسكار بەش قېتىم ئۇنىڭغا كۆز قىستىيۇ، قول ئېلىشمىدى. ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالغان، بېلەت كىرىمى رىكورتىنى يېڭىلىغان «تېتانىك» ناملىق فىلىم 11 تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ سەپدېشى كەيتى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى نامزاتى بولغاندىمۇ، ئوسكار ئۇنىڭغا نامزاتلىقنىمۇ بەرمىدى.

  ئوسكارنى قوغلىغان يىگىرمە يىلدا ئۇ نۇرغۇنلىغان ئابىدە خارەكتېرلىك كىنولاردا باش رول، قوشۇمچە روللارنى ئېلىپ، ئۆزىنى كىشىلەرنىڭ خاتېرىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. كىشىلەر ئۇنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىغا، شاھىد بولدى. بىراق ئوسكارنى تەسىرلەندۈرەلمىدى.

  كىشىلەر ئۇنىڭ ئوسكار ئالتۇن ھەيكىلىنى سىقىمدىيالمىغانلىقىنى مۇنداق ئىككى سەۋەبكە يىغىنچاقلىدى. بىرىنچىسى، ئۇنىڭ رەقىبى بەك كۈچلۈك بولۇپ قالدى. 2013-يىلى رول ئالغان «قۇتقۇزۇلغان جەڭگو» فىلىمىدە ئۇ بارلىق زېھنىنى چىقىرىپ، باغرى تاشتىن قېتىپ كەتكەن قورۇق خوجايىنى كالۋىن كەندىنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، بۇ فىلىمنىڭ دەرىجىسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، فىلىمدە ئالغان رولىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىرىستوفىر ۋولتىزدىن خېلىلا ئاز، كىنونىڭ يېرىمى تۈگىگەندە ئاران ئېكراندا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىستوفىر ۋولتىزنىڭ رول ئېلىشتىكى ماھارىتىمۇ لىئوناردودىن قەتئىيلا قېلىشمىدى. ئىككىنچى بىر سەۋەب، ئۇنىڭغا بېرىلگەن روللارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات يىگىتنىڭ باي خوجايىنغا ئايلىنىپ، ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ھالەك بولۇشىدىن ئىبارەت ئادەمنى ھەم ئىلھاملاندۇرىدىغان، ھەم ئېچىندۇرىدىغان روللار ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ توختىماي ئۆسىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇ ئالغان روللارنىڭ تەقدىرىگمۇ دىققەت قىلغان ئىدى.

  2013-يىلى ئۇ ئىككى كىنودا باش رول ئالغان بولسىمۇ، ئوسكار ئۇنىڭغا نىسىپ بولمىدى. بۇ ئۇنىڭغا زەربە بولدىمۇ قانداق، 2014-يىلى ئۇنىڭ يېڭى كىنوسى ھەققىدە خەۋەر يوق، 2015-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكىدىمۇ سايىسىنى كۆرسەتمىدى. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئۇ «تىرىلگۈچى» ناملىق فىلىمگە كىرىشكەن بولۇپ، قاچان قويۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

  ئۇنىڭ تاماشىبىنلىرى ھامان بىر كۈنى ئوسكارنىڭمۇ ئۇنىڭغا قاراپ قۇچاق ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. كىرىستوفىر پلاممېر ئوسكارنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ: «سەندىن ئىككى يىل كېيىن تۇغۇلغان ئىدىم، سېنى 80 يىل قوغلاپ، ئاخىرى يىتىشىۋالدىم» دېگەن ئىدى. بىزمۇ ھەم لىئوناردو دىكاپرىئونىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئوسكار ئالتۇن ھەيكىلىنى قولغا ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر