26- فېۋرال، بىر تېز پويىز لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈر يولى قۇمۇل چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2014- يىلى 26- دېكابىر پۈتۈن لېنىيەدە قاتناش باشلانغاندىن بۇيان ئىككى ئايغا توشقان كۈن. تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى ئايدىن بۇيان، لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ جەمئىي توشۇغان يولۇچى مىقدارى 1 مىليۇن 500 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى