باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(3)

2015.02.27 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى پىلانلىرى

  ئېلىمىز ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مەزمۇنى مول، بۇ ساھە كۆپ پەن، كۆپ ساھە كېسىشكەن، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم تەتقىقات ساھەسى. بۇ بىزنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىشىمىزنى، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز بۇ يەردە دەۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلىق مىللەتشۇناسلىق، تىل ــ يېزىق، ئەدەبىيات ــ سەنئەت، تارىخ - مەدەنىيەت، دىن، ئۆرپ ـ ئادەت، ئىقتىساد، مۇقام سەنئىتى، قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەتقىقات ساھەسى ۋە مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولۇپ، يەنە تىل ـ يېزىق، ھۈنەر ـ سەنئەت، رەسساملىق ــ خەتتاتلىق، قۇرۇلۇش سەنئىتى، مۇزىكا ــ ئۇسسۇل، مەشرەپ، ئۇيغۇر سەنەملىرى، ئىلىم ـ پەن، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، كىيىم ــ كېچەك، قەدىمكى خارابىلەر، مىللىي ئۆرپ -ئادەت قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە، تەتقىقات يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەتقىقات ساھەلىرىدە ئىزدىنىپ، تەپەككۇرىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەتقىقات تېمىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جەمئىيەتكە سۇنۇشىمىز، دۆلەتكە ۋە مىللەتكە تەقدىم قىلىشىمىز لازىم.

  يېڭى ئەسىر، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش دەۋر بىزگە يۈكلىگەن ۋەزىپە. بىز مىللەت تارىخىنى، رايون مەدەنىيىتىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، مۇھىم نۇقتىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈستىدىكى يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئەمەلىي تەتقىقاتقا قارىتىشىمز لازىم. بۇ تېما كەلگۈسىشۇناسلىق تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ. بىز ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئەمەلىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. مەسىلەن، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بازار ئىقتىسادى، خەلقئارا سودا، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ۋە قول- سانائەتنى بازارلاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش، مىللىي ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسى، يەرلىك خام ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى، مىللىي مائارىپ تەرەققىياتى، تىل-يېزىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى، ئائىلە چارۋىچىلىق كەسپى، ئائىلە باقمىچىلىق كەسپى، ئۇيغۇرلارنىڭ باغۋەنچىلىك ئىقتىسادى، باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقاتنى جانلاندۇرۇشىمىز لازىم.

  جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەت بېرىدۇ. ھەر مىللەت مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇل خاراكتېرلىك، يۈرۈشلۈك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، توپلاش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، نەشر قىلىشتىن ئىبارەت سىستېمىلىق قۇرۇلۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  بىز «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخىي ــ مەدەنىيىتى تەتقىقات مەجمۇئەسى» نى چىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ ئىشلەپ، ئۇنى ماتېرىيال توپلاش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك باغچىسىغا ئايلاندۇرىمىز.

  جەمئىيىتىمىز پىلانلىغان «ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ يۈرۈشلۈك مەجمۇئەسى» نىڭ خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ، بىز ئۇزۇن مۇددەتكىچە بۇ يۈرۈشلۈك مەجمۇئەنى نەشر قىلىشنى پىلانلىدۇق. بۇ «يۈرۈشلۈك مەجمۇئە» بىر مۇھىم ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇرۇلۇش، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تۇتىشىدۇ، يەنى جەمئىيەت ئىقتىسادى، ئىشلەپچىقىرىش، كىيىم-كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، تۇرار-جاي، ئائىلە، كىشىلىك مۇراسىم، ئېكىلوگىيە، پەن-تېخنىكا، دىنىي ئېتىقاد، تىل –يېزىق، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، مىللىي كۆڭۈل ئېچىش، خەلق سەنئىتى، ھېيت-بايرام، پەرھىز ئادەتلىرى، زامانىۋىي مەدەنىيەت، مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر زاتلار ۋە باشقىلار. بىز يەنە «يۈرۈشلۈك مەجمۇئە»نىڭ مەزمۇنى، شەكلى قاتارلىق جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى پىلانلاش ــ ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شەكىل جەھەتتىن 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە بولغان كىتابچىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە نۇسخىسىنى بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلماقچىمىز. ئەگەر، شارائىت يار بەرسە بۇ كىتابچىلارنى ئىنگىلىزچە نەشر قىلماقچىمىز. كىتابچىلار نەشر قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى توپلام قىلىپ مەخسۇس ئىلمىي ئەسەر قىلىپ تۈزۈپ چىقماقچىمىز.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر