- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(1)
2015.02.27 14:14 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى داڭلىق سىياسىيون، يازغۇچى، ئابرويلۇق رەھبەر سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1994-يىلى 31-دىكابىر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە رەسمىي تىزىمغا ئىلىنىپ تەستىقلىنىپ، 1995-يىلى 12-مارت بېيجىڭدا قۇرۇلۇپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ قارمىقىغا ئىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى باشقۇرۇشىدا بولغان، باش ئىشتابى بېيجىڭدا تەسس قىلىنغان.
تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئىلىمىزدىكى ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر مىللەت ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تارىخىي، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت ئامبىرىنى موللاشتۇرۇش، مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشنى مەقسەد قىلىپ قۇرۇلغان
ھازىر ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە قانۇنىي ۋەكىلى؛ تۇرۇپ بارات
ئۇيغۇر تارىخى ـ مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىدە ھازىر 380 نەپەر كىشى بولۇپ، ئىدارە ـ ئورگان ئەزالىرىدىن 200 نەپەر، شەخسىي ئەزادىن 180 نەپەر، كېڭەش ئەزاسىدىن 150 نەپەر، دائىمىي كېڭەش ئەزادىن 75 نەپىرى بار.
تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت ئەھۋالى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ مەدەنىيىتى جەمئىيىتىنىڭ باش بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكا كومىتېتىنى قۇردى. ھېيت مەمەت ياچېيكا سېكرىتارلىقىنى، دۇلقۇن قادىر تەشكىلىي ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى، ھاۋاگۈل تەتقىقات ھەيئەتلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. ياچېيكا كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تەتقىقات جەمئىيىتى خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر