باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>شىنجاڭ ئىجابىي ئېنىرگىيەسى

ئۈچ ياشلىق مېيىپ قىز ئامىنەنى قۇتقۇزۇش يولىدا(1)

2015.02.25 11:15   مەنبە: خەلق تورى

ئۈچ ياشلىق مېيىپ قىز ئامىنەنى قۇتقۇزۇش يولىدا(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئېلىجان ئىسمائىل فوتوسى ۋە خەۋىرى) كېرىيە ناھىيە كۆكيار يېزا ئوتتۇرا تېرەك كەنتى 194-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان مۇھەممەتتوختى ھاشىمنىڭ بۇ يىل 3ياشقا كىرگەن قىزى ئامىنە تۇغۇلىشىدىنلا ئاستى تاڭلاي بىلەن ئۈستى تاڭلاي تۇتاش بولۇپ، تۇغۇلغاندىن بۇيان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بۇرنىدىن سۇيۇق يېمەكلىكنى شلانكا ئارقىلىق كىرگۈزۈپ بېقىپ كەلمەكتە. بۇ قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن مال-بىساتىنى سەرپ قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈتكەن، لېكىن ئۈنۈمى بولمىغان، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ يېتەرلىك ئىقتىساد بولماسلىق ۋە تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن گاڭگىراپ قالغان.

  شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستېتى دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگوچە داۋالاش دوختۇرخانىسىدىكى ئاق كۆڭۈل دوختۇرلار بۇ بىمارنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ ئوپراتسىيەنى چەتئەلدىن كەلگەن دوختۇرلار نىڭ قىلالايدىغانلىقنى، ھەمدە داۋالاش چىقىمى ۋە چەتئەللىك دوختۇرنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن 130مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  نەچچە مو يەرگە تايىنىپ كۈنىنى ئاران قامداپ كېتىپ بارغان ئائىلە ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ چىقىم تولىمۇ ئېغىر. كېرىيە «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش خەير –ساخاۋەت كوللىكتىپى ئۈچ ياشلىق مېيىپ قىز ئامىنەنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كىيىن بۇ قىزغا ياردەم قىلىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇلار تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئامىنەنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھەمدە يەرلىك ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئىزدەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ تەشكىلنىڭ ۋە ھەرساھەنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس سالدى. قوشنا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى خەير-ساخاۋەت كوللىكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى ھەمدە شۇجايلاردا ئىئانە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كېرىيە «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش خەير –ساخاۋەت كوللىكتىپىدىكى مەسئۇل خادىملار دېھقان مۇھەممەتتوختى ھاشىمنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ ئامىنەنى يوقلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا مېۋە سۈيى سىقىش ماشىنىسى، قۇۋۋەت تالقىنى قاتارلىق بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. 2-ئاينىڭ 9-كۈنى كېرىيە «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش خەير –ساخاۋەت كوللىكتىپىدىكى مەسئۇل خادىملار ناھىيە بازىرىدا ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ نەق مەيداندا 25مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.

  سۈرەتتە: ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: بۇ يىل تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆزگىرىش سىنا…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مۇدىرى ۋە يەسل…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى يېنىكلىتىلدى
      ·بېيجىڭدا بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە يېقىندىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
      ·ئاپتونوم رايون قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015- يىللىق ماگىستىر ئاسپىراتلىققا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپك…
      ·«ئاپتونوم رايوننىڭ 2015- يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى تىزى…
      ·ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە(شەھەر)دىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپى تېخنىكوم سىنىپلىرىغا 3 مىڭ 300 ئوقوغ…