باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ تەڭرىتاغ قىزلار كەسپىي ۋاسكىتبول كوماندىسى قۇرۇلدى(3)

2015.02.12 09:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەن شىنجاڭ كوماندىسىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنى تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىتىمەن»
  دىلارە دىلشات يەنە ناھايىتى كەمتەر بىلەن: «مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچۈمنىڭ يۇرتۇمدىكى توپ كوماندىسىغا ياردىمى بولماسلىقىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن»، دېدى. ئۇ ئون يېشىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ گۇاڭدوڭغا بېرىپ توپ ئوينىغان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە مەيدانىدا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

  داڭلىق ۋاسكېتبولچى دۇ فېڭ دىلارە دىلشاتنىڭ «تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى». كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا دىلنار دىلشاتنىڭ بويى ئېگىز بولسىمۇ، ۋاسكېتبول جەھەتتىكى تەبىئىي تالانتىنى ئانچە ئاشكارىلىمىغان ئىدى. ئۇ «دۇ فېڭ ئاكام بىلەن ئاتا- ئانامنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا، دۇ فېڭ ئاكام مېنىڭ شوخلۇقۇمنى كۆرۈپ، ۋاسكېتبول ئويناشقا تەۋسىيە قىلىدۇ»، دېدى،

  2011- يىلى7- نۆۋەتلىك شەھەرلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دىلارە دىلشات نومۇر ئېلىش شاھى ۋە گار تاختىسى شاھى بولدى، مۇسابىقە مەيدانىدا ٪65 لىك گارغا كىرگۈزۈش نىسبىتى بىلەن 22 نومۇر ئالغاندىن سىرت، 10.5 قېتىملىق ھۇجۇمنى گار ئالدىدا توسۇپ قېلىپ، 3.5 قېتىملىق توپنى تارتىۋېلىپ شۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۆز نامىنى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ۋاسكېتبول كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتەك قەتئىي ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.

  دىلارە دىلشاتنىڭ دائىم: «مەن ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغنىڭ <ئىسىم كارتوچكىسى> ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» دەيتتى. بۇنىڭدىن دىلارە دىلشاتنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك جاسارەتنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «مەن چوقۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كوماندىسىغا ياردەم بېرىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەيمەن».
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر