خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-فېۋرال، «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، يېقىندا، ياۋايى ھايۋاناتلار فوتوگرافى كرستوف كورتى رۋاندادىكى دۆلەت باغچىسىدىكى ئورانگوتانلار توپىنى زىيارەت قىلغان. ئېچىپ قالغان بامبۇكنى يەپ مەست بولۇپ قالغان ئورانگوتان كامېرانىڭ ئۆزلىرىگە توغرىلانغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئېگىزلىكى 1.80 مېتىر كېلىدىغان ئورانگوتان فوتوگرافقا ھۇجۇم قىلغان، فوتوگراف ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن بۇرۇن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتلەرنى تارتىۋالغان.