خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ساقچىلار تارماق ئەترىتى چپو ئەترەتنىڭ باشلىقى باشلىقى لۇ ماۋپېڭ (ئوتتۇرىدا) سەپداشلىرى بىلەن تەسىرلىك ھېكايىنى سۆزلىمەكتە.
8-فېۋرال كەچ، تۇنجى نۆۋەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى «ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى»نى باھالاش، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار چې چۈن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيوڭ شەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما مىڭچېڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومنىڭ شۇجىسى، نازىرى جۇ چاڭجيې، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەۋكەن سىيىت قامزا، شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى جاڭ جيەن، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى گو يوڭخۇي قاتارلىقلار ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن، ھەربىي رايون رەھبەرلىرى مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
5-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى بىلەن بىرلىكتە توردا بىلەت تاشلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە تاراتقۇلاردا ئىش ـ ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى دۆلەت ئىشلىرى مىكروبلوگى @تىنچ ـ ئامان تەڭرىتاغ (شىنلاڭ، تېڭشۈن)، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپا نومۇرى «تىنچ ـتەڭرىتاغ» (ئۈندىدار نومۇرى: xjzzqgat )دا نامزاتلارنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۈندىداردا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، توردا بىلەت تاشلاش جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلاملىرىدىكى ئاممىنىڭ دىققەت ـ ئېتىبارىنى قوزغىغان، يېرىم ئاي ئىچىدە 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم بېلەت تاشلىغان بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 300 مىڭ بىلەت تاشلانغان. پائالىيەتنى تەشكىلىگۈچى كومىتېتتىكىلەر باھالاشتا ئاممىنىڭ بېلەت تاشلىشىنى ئاساس قىلىپ، قايتا تاللاش ۋە بېكىتىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا 10 نەپەر ساقچىغا ج خ ساھەسىدىكى «ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى»شەرىپىنى، 20 نەپەر ج خ تارمىقىدىكى ساقچىغا نام ئاتاش مۇكاپاتىنى بەرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتكومى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 10 نەپەر «ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى»غا شەخسلەر 2-دەرىجىلىك مۇكاپات، 20 نەپەر ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشىكەن «ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى»غا شەخسلەر بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپات شەرىپىنى بەرگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ت. ئا. ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى