خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 2015-يىلى 4-فېۋرال، كورلا شەھەرلىك توز دەرياسىدىكى تۇمشۇقى مۇز تۇتۇپ قالغان ئاققۇ.
شۇ كۈنى، مۇخبىر توز دەرياسىدا بىر ئاققۇنىڭ تۇمشۇقىنىڭ مۇز تۇتۇپ قالغانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، شەھەر ئاممىسى تاشلاپ بەرگەن ئوزۇقلۇقنى نۇرغۇنلىغان ئاققۇ، ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ تالىشىپ يەۋاتقانلىقىنى، تۇمشۇقى مۇز تۇتۇپ قالغان ئاققۇنىڭ ھېچنىمە يېيمەلمىگەنلىكىنى، كۆزلىرىدىن ئىلتىجا نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان بۇ ئاققۇنىڭ بىچارە تۇرقىدىن كۆڭلى ئېزىلگەن. ئاپتور شۇ كۈنى سائەت 15:00لەردە قايتقان بولۇپ، ئاققۇنىڭ تومشۇقىدىكى مۇز تېخىچە ئېرىپ كەتمىگەن.