غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار 1966- يىل 21- سىنتەبىر بورتالا شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1975- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە سابىق بورتالا ئوبلاستلىق «7- ماي» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1980- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە سابىق بورتالا ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ (ھازىرقى بورتالا شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپ)تە ئوقۇغان. 1985- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) مىللەتلەر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتى (ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتى)نىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. 1990- يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
1986- يىلى «بورتالا گېزىتى»دە ئۇنىڭ «نىگارىمغا»، «يۇرتۇم» ناملىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت- ژۇرناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسرى، 70 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، مۇھاكىمە ماقالىسى ئېلان قىلىندى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى نۇسخىسىنى ۋە ئىندېكسىنى نەشرگە تەييارلاشقا، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىت- شېۋىلىرى سۆزلۈكى»نى ئىشلەشكە قاتناشتى، «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ 30 يىلى» ناملىق كوللېكتىپ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىدى. 2001- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «تىل- يېزىق مەدەنىيىتىدىن جاۋاھىرلار» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. 100 قىسىمدىن ئارتۇق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى، شۇنداقلا «ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىشقا قەدەم قويغان تۇنجى يىلى»، «مەدەنىيلىك»، «ئوتخور جەمەت» قاتارلىق بىرقانچە كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشتى. ئۇ تەرجىمە قىلغان نوبېل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى مويەننىڭ «ئوتخور جەمەت» ناملىق رومانى 2013- يىلى ئىيۇلدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى ھەم شۇ يىلى مەزكۇر نەشرىيات تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر تەرجىمان» بولۇپ باھالاندى. دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ تەتقىقات تۈرى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات تېمىسى (300 مىڭ خەتلىك)نى تاماملاپ تاپشۇردى.
غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەمدە جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.