خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىش كىرگەندىن بۇيان، كۆپ قېتىم ياغقان قار شىمالىي شىنجاڭنى كۈمۈش لىباسقا ئورىدى، 25-يانۋار، خوشۇت ناھىيەسىدىكى بىر قار تېيىلىش مەيدانىدا مۇخبىر نۇرغۇنلىغان ئامما بىلەن قار گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندى، كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان قار تېيىلىش مەيدانىدا كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەي، قار تېيىلىش پائالىيەتلىرى ئەۋجىگە چىققان ئىدى.