باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى يېپىلدى (2)

2015.01.26 09:19   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى يېپىلدى (2)

  ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 24-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى

  تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى، 24-يانۋار خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 24-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل سانى 549 بولۇپ، قاتناشقىنى 530 كىشى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يېپىلىش يىغىنىغا قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ چۈنشيەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن نەيىم ياسىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دوڭ شىنگۇاڭ، ئەسقەر تۇرسۇن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيوڭ شۈەنگو، غابىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ليۇ شىنچى ۋە قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا قارار قىلىش ئارقىلىق نەيىم ياسىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراش ئىلتىماسى ماقۇللاندى.

  يىغىندا ۋەكىللەر ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، باش بېلەت نازارەتچىسى، بەلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى. باش بېلەت نازارەتچىسى بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. بېلەش تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى سايلام بېلىتى تارقىتىش ۋە يىغىۋېلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، سايلام ئۈنۈملۈك بولدى.

  نەيىم ياسىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. جاڭ بو، نىجات سۇلتان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلاندى. تەلئەت ئابدۇرېھىم، چېن مىڭجېڭ، خۇاڭ جىجوڭ، قىزىلقالدى ئابدۇراخمان، ۋاڭ يۈگاڭ قاتارلىق بەش كىشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى.

  سائەت 18:00 دە، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن