بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلۇ شەھىرىدىكى يەرلىك ئامما 20-يانۋار قاتناش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، كوچا ئاپتوبۇسى، مېترو، پويىز قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بېلەت باھاسى 6-يانۋاردىن باشلاپ 3 رىيالدىن 3.5 رېيالغا ئۆستۈرۈلگەن ، بۇ سەۋەبتىن سان پاۋلۇ، رىئودې ژانېيرو قاتارلىق بىر قانچە شەھەردە چوڭ كۆلەملىك نامايىش باشلانغان .