خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىليەلىك فوتوگراف ماركۇس لىئوننىڭ شەھەر ئەسەرلىرى يېقىندا لوندوندا كۆرگەزمە قىلىنغان. ماركوس لىئوننىڭ ئەسەرلىرى شەھەر نوپۇسىنىڭ ئارتىپ كېتىش ئەھۋالى ۋە ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىگە مەركەزلەشكەن. تولۇقلاپ ئۆتۈش لازىمكى، بۇ رەسىملەر شەھەر ۋە سانائەت رايونىغا بولغان ئادەتتىكى كۆرۈنۈش بولماستىن، بەلكى يۈز نەچچە پارچە مۇستەقىل رەسىمنى تەكشى ئۇلاشتىن شەكىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن يۈرەكنى تىتىرەتكۈدەك كۆرۈنۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى