باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۇلالچى_ تۇرسۇن(1)

2015.01.19 16:06   مەنبە: خەلق تورى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۇلالچى_ تۇرسۇن(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ19 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەدىمكى غەربىي يۇرت پۇرىقى كۈچلۈك، ھازىرغىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى بۇ خىل پۇراقنىڭ ئىپادىسى. 2014-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كېلىپ كونىشەھەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىنى كۆرگەندە، مەندە ھەيرانلىق ۋە ھاياجان تۇيغۇسى پەيدا بولدى. قېنىق سېرىق رەڭلىك توپا شىنجاڭ زېمىنى رەڭگىنىڭ قايتىلىنىشى. بۇ رەڭ شىنجاڭ بوستانلىقنىڭ ھەقىقىي خىسلىتىگە ماسلاشقان.ساپالمۇ بۇ خىل رەڭ ۋە خىسلەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى كۆرگىنىمدە، بىر خىل ھېسسىيات مېنى قەدىمكى غەربىي يۇرت قوينىغا ئېلىپ كىرگەندەك بولدۇم. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى كۇلالچىلىق تىلغا ئېلىنسا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى تۇرسۇن بوۋاينى بىلمەيدىغانلار يوقتۇر. تۇرسۇن بوۋاينىڭ ئائىلىسى سەككىز ئەۋلاد كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىدە تۇرغان. ئون نەچچە يېشىدىن باشلاپ كۇلالچىلىقنى ئۆگەنگەن.

  بوۋاينىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆزى ياسىغان ساپال بۇيۇملىرىنى باشقىلار تۇرمۇشىدا ئىشلەتسە تولىمۇ خۇشال بولىدىكەن، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىق شۇكى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھېچكىم بۇ ئەنئەنىۋىي ھۈنەرگە ۋارسلىق قىلماپتۇ. بىز بۇ ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەرنىڭ ئەبەدىي داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)