خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ماھىرە خەۋىرى) 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 6 دە «بېيجىڭ شەھەرلىك چاڭپىڭ ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ مىللىي ئۇسسۇل ئۆمىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كىچىلىكى» بېيجىڭ شەھەرلىك چاڭپىڭ ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇسسۇل زالىدا داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
داڭلىق ئارتىس ۋە ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچسى غاپپارجان تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆزنىڭ بۇيىل قويۇلىدىغان كىنوسىنىڭ فىلىم ئىشلەش ئالدىراشچىلىقىغا قارىماي، ئىشتىن سىرتقى قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، بىر يىلغا يىقىن ئوقۇغۇچىلارنى جاپالىق مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق «تاجىك ئۇسۇلى»، «چىن تەخسە ئۇسۇلى»، «دولان ئۇسۇلى» قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۇسسۇللارنى ئۆگىتىپ، كېچىلىكتە ئورۇندالدى. پۈتۈن مەكتەپتىكى رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى ئىنتايىن قوللىدى، شۇنداقلا بۇ يارقىن نۇقتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.
مىللىي ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ قۇرۇلىشى بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش بېسىمىنى يىنىكلىتىپ، دەرستىن سىرىتقى ئارام ئىلىش ۋاقتىنىڭ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكىرى تولۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، مىللىي ئۆرپ-ئادەتتىن ياتلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، گۈزەل ئۆرپ –ئادەتلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىندى. بۇ مىللىي ئۇسسۇل ئۆمىكى پەقەت بىر ئۇسۇل ئۈگىتىش ياكى پەقەت ئۇسسۇل ئۈگىنىشلا بولماستىن، بەلكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىچكىرى تولۇق مەكتەپلىرىدىكى ئۆزگىچە تىما ،يارقىن نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى