باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تورداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىللىق تىلەكلىرى

2014.12.30 13:31   مەنبە: خەلق تورى

تورداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىللىق تىلەكلىرى

  يېڭى يىلدا يېڭىچە سوئال

  يېڭى يىل يېڭىچە ئىدىيە ،يېڭىچە تەسەۋۋۇر ،يېڭىچە قىياپەت ،يېڭىچە كەيپيات . يېڭى بىر قەدەم .

  يېڭى يىلنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇپ ئارقامغا قارىدىم . شۇئان قەلبىمنى خۇشاللىق ،ئەپسۇسلىنىش ھېسسىياتلار چىرماشقا باشلىدى .

  خۇشاللىقىم، مەن يەنىلا مەن ئىدىم . ئۆزلۈكىمدىن تانمىغان ، نىشانىمدىن ئازمىغان ،قەلبىمدىكى نىشانلىرىم ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن ،ئۆزۈم ھەم ئۆزگىلەرنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن،زىممەمدىكى ئانلىق ، ئاياللىق ، پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىش ۋە شۇنداقلا جەمىيەتتىكى بىر كىشىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشقان مەن ئۆزۈمگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتىم . گەرچە كۈلۈمسىرەشلىرىم ئىچىگە شۇنداق بىر كەچمىشلەر ،شۇنداق بىر ئاچچىق تىنىقلار يوشۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن مەن يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتىم . چۈنكى مەن يېڭى يىلغا، يېڭىلىققا،مېنى كۈتۈپ تۇرغان يېڭىچە خىرىسلارغا شۇنداق كۈلۈمسىرەپ باتۇرلۇق بىلەن قۇچاق ئاچماقچى ئىدىم .

  ئەجەب قاقاقلاپ كۇلمەيسىزغۇ سىز خالىسىڭىزلا بۇنداق كۈلۈشكىمۇ سەۋەپلەر يېتەرلىكقۇ ؟دېدى قەلبىم ماڭا يەنە سوئال تاشلاپ .

  ياق ،ياق ، ھەممىلا ئىش ئۆز يولىدا ،نورمال بولغىنى ياخشى ، چەكتىن ئاشقان ئاشقۇنلۇق ياخشلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ . شۇڭا مەن يەنىلا نورمال بولغان مۇشۇ كۈلۈمسىرەشنى تاللىدىم دىدىم مەن جاۋابەن .

  ئارقامغا ئۆرۈلگەن مانا بۇ دەقىقىلەردە ئەپسۇسلىنىش ھېسسىياتلىرىمنى يوشۇرۇشقىمۇ ئامالسىز ئىدىم . ئەجەب ئىش ، ئەشۇ سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ توختىماي چىكىلدىشىغا ئەجەب سەل قاراپتىمەن دىسە .شۇ چىكىلداش ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى بىلەن يېشىمغا بىر ياش قوشۇپتۇ ئەمەسمۇ .ئەشۇ سەل قارالغان چىكىلداش قەلبىمدىكى نۇرغۇنلىغان پىلانلىرىمنى ئەتىگە ،ئايلارغا ، يىللارغا قالدۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ .

  قەلبىمدىكى ئەشۇنداق خۇشاللىق ۋە ئەپسۇسلىنىش ھېسياتلىرىمنى گىرەلەشتۈرۈپ ئەتراپىمغا يەنىلا كۈلۈمسىرىگىنىمچە نەزەر سالدىم .

  شۇنداق ، ھەممىلا يەردە يېڭى يىللىق يېڭى كەيپىيات ، ھەمملا جايدا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يېڭىلىقلار ، ھەممىلا جايدا يېڭىچە قىياپەت ،يېڭىچە ھېس تۇيغۇلار . يېڭىلىققا بولغان ئىنتىلىشلار . قەلبىم ماڭا سوراق قويۇشقا باشلدى . سىز يېڭىلىقنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ئەلۋەتتە . لېكىن ئۇنىڭ قانداق يېڭىلىقلىقىغا قارايمەن- دە . باشقىلار تەرىپىدىن كونىلققا ئايلانغان ،شاللىۋېتىلگەن نەرسە مەڭگۈ مىنىڭ تاللىشىم ئەمەس .

  ئەمسە ئەنئەنىۋىلىكىنىچۇ ؟ ئەنئەنىدىن چانالمايمەن .ھەم مەڭگۈ چانمايمەن . چۈنكى ئەنئەنە بولغاچ بۈگۈن بولغان .ئەنئەنە بولغاچ مەن بولغان . بۈگۈنكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى دەل شۇ ئەنئەنىلىرىمىز ئاساسىدا بولغان ئەمەسمۇ . ئەنئەنىدىن چانغانلىق ئۆزنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەسمۇ .

  يەنە شۇنداق سوئال باشلاندى . سىز بەختلىكمۇ ؟ مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردىم . شۇنداق مەن بەختلىك . چۈنكى ئۆزىنى بەختلىك دەپ ھېس قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت ئەمەسمۇ .ئەڭ ئاۋۋال كۆك ئاسمان ،سۈزۈك سۇ ،مەن ھەر كۈنى قانغۇچە ئەركىن نەپەس ئېلۋاتقان ساپ ھاۋادىن مەھرۇم بولمىغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر بەخت ئەمەسمۇ .بۇ بەختنى شۇ ئىمتىيازدىن مەھرۇم قالغانلار تىخمۇ بەك ھېس قىلدۇ . بەلكىمقالغان بەختىمنى ئېيتمايلا قوياي . چۈنكى بەخت ئۇ داۋراڭ سالدىغان نەرسە ئەمەس بەلكى قەلب بىلەن سېزىدىغان ،ھېس قىلدىغان تۇيغۇ .شۇنداق ئەمەسمۇ .

  مىنىڭ جاۋابلىرىم قەلبىمنىڭ گۈزەل سوراقلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى . مېنىڭ يېڭى يىللىق ئوي خىياللىرىم خىيال كەپتەرلېرىمنى تىخمۇ يىراق -يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى .

  خىياللىرىم پەرۋازى قانات قاققانسىرى مەن ئۆزۈمنى شۇ قەدەر يىنىك ھېس قىلىشقا باشلىدىم . چۈنكى قەلبىم مەندىن مەمنۇن بولغان ھالدا ماڭا ئىنتايىن قايىل قىلارلىق كونا يىللىق خۇلاسە ۋە يېڭى يىللىق گۈزەل پىلانلارنى سوۋغا قىلغان ئىدى .

  شۇنداق گۈزەل پىلانلار گۈزەل ھېس تۇيغۇلار قەلبىمىگە ئاۋايلاپ قونۇشقا باشلدى . بىلمەن .قەلبىم ماڭا يەنە شۇنداق گۈزەل سوئاللارنى تەييارلاۋاتىدۇ .مەن ئۆز –ئۆزىمگە خىتاب قىلدىم . مەن ھەر بىر يېڭى يىل بوسۇغىسىدا ھەر قانداق گۈزەل سۇئاللارغا تىخمۇ گۈزەل جاۋابلارنى بېرشكە تەييار.

  توققۇزتارا ناھىيىلىك رادىئو – تېلۋېزىيە ئىدارىسىدىن :مۇيەسسەر خېلىل

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بىنجوۋدىكى بىر ئالى مەكتەپ 10 مىليون يۈەنگە توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737 تىپلىق بىر ئايروپلان سېتىۋى…
      ·بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى
      ·ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇني…
      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…