باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئالبوم

ئاتاقلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما--شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى (1)

2014.12.26 16:39   مەنبە: خەلق تورى

ئاتاقلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما--شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى (1)

ئابلىكىم ئەمەت تەرجىمھالى
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
مىللىتى:ئۇيغۇر
خىزمەت ئورنى: ئورمانچىلىق نازارىتى تەشۋىقات-ئۇچۇر مەركىزى
ئېگىزلىكى: 1.71مىتىر
قان تىپى: A
تۇغۇلغان جايى :جوشۇت ناھىيسى
يۇرتى: بۈگۈر ناھىيەسى
ئائىلە ئەزالىرى: رەپىقىسى:گۈلنار ئەزىز، ئوغلى:ئويغار ئابلىكىم
مۆچىلى: توشقان
ئوقۇش تارىخى: ئالىي تېخنىكوم
2008 -يىلى 3- ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن«دۇنيا سۇلۇق يەرنى قوغداش» تېمىسىدىكى فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «سۇلۇق يەردىكى سېھېرلىك خەت»، «قاناسقا كۈز كەلدى» ناملىق ئىككى پارچە فۇتۇ سۈرەت ئەسىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2008-يىلى 12- ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك «ۋېيتەي» لوڭقىسى فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «ئەگىم-ئەگىم كۈنەس دەرياسى»، «يالقۇن» ناملىق فۇتو سۈرەت ئەسىرى مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى 12-ئايدا ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «تېلگراف لوڭقىسى» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «ئىناق يەر شارى» ناملىق ئەسىرى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2010-يىلى 6-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارالىق فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «شىنجاڭدىكى سۇلۇق يەر» ناملىق ئىككى پارچە ئەسىرى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2011-يىلى 12-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئېكىلوگىيىسى» فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «سۇلۇق يەردىكى سېھىرلىك خەت» ناملىق ئەسىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2012-يىلى 9- ئايدا ئامرىكا دۆلەت جۇغراپىيىسى ژورنىلى ئورۇنلاشتۇرغان جۇڭگو رايونى فۇتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە «تەبىئىي قۇم يېزا» ناملىق ئەسىرى تاللىنىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2013-يىلى 4- ئايدا «سۇلۇق يەردىكى سېھىرلىك خەت» ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات 4-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
فۇتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ھەققىدە :
ئابلىكىم ئەمەت ئانا يۇرتىمىزنىڭ بىپايان سېھىرلىك قوينىدىكى تىلسىملاردىن دۇردانىلارنى قېزىپ، يوقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە فۇتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان، گۈزەللىككە تەشنا قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان فۇتوگراف. ئۇنىڭ«ئادەم ۋە تەبىئەت» تېمىسىدىكى بىر قاتار ئەسەرلىرى مول تەسەۋۋۇرغا، مۇكەممەل قۇرۇلمىغا، كۆركەم نۇر سەنئىتىگە، سىرلىق ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بەدىئىي سەنئەتنىڭ جۇلالىق گۆھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گاھىدا بۇشلۇقتا لاچىندەك پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل ۋادىلارنى سۈرەتكە تارتسا بەزىدە مېھرى ئاتەش زېمىننى باغاشلاپ، كىشىنىڭ قەلبىنى لال قىلىدىغان جۇلالىق كارتىنىلارنى خاتىرىلەيدۇ. تەڭرىتاغ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جەسور، نازاكەتلىك قىياپىتىنى يوقىرى بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادىلەپ گۈزەللىك بابىدا رەڭگارەڭ گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر فۇتوگرافىيە سەنئىتى ساھەسىدە يۈكسەك پەللىنى يارىتىپ خەلقىمىز قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇسى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …
      ·خەنزۇتىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندال…
      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…