باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۇلۇق يەر-ئاتاقلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما(15)

2014.12.25 15:34   مەنبە: خەلق تورى

سۇلۇق يەر-ئاتاقلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما(15)


ئابلىكىم ئەمەتتەرجىمھالى
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
مىللىتى:ئۇيغۇر
خىزمەت ئورنى: ئورمانچىلىق نازارىتى تەشۋىقات-ئۇچۇر مەركىزى
ئېگىزلىكى: 1.71مىتىر
قان تىپى: A
تۇغۇلغان جايى :جوشۇت ناھىيسى
يۇرتى: بۈگۈر ناھىيەسى
ئائىلە ئەزالىرى: رەپىقىسى:گۈلنار ئەزىز، ئوغلى:ئويغار ئابلىكىم
مۆچىلى: توشقان
ئوقۇش تارىخى: ئالىي تېخنىكوم
2008-يىلى 3- ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن«دۇنيا سۇلۇق يەرنى قوغداش» تېمىسىدىكى فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «سۇلۇق يەردىكى سېھېرلىك خەت»، «قاناسقا كۈز كەلدى» ناملىق ئىككى پارچە فۇتۇ سۈرەت ئەسىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2008-يىلى 12- ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك «ۋېيتەي» لوڭقىسى فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «ئەگىم-ئەگىم كۈنەس دەرياسى»، «يالقۇن» ناملىق فۇتو سۈرەت ئەسىرى مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى 12-ئايدا ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «تېلگراف لوڭقىسى» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «ئىناق يەر شارى» ناملىق ئەسىرى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2010-يىلى 6-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارالىق فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «شىنجاڭدىكى سۇلۇق يەر» ناملىق ئىككى پارچە ئەسىرى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2011-يىلى 12-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئېكىلوگىيىسى» فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «سۇلۇق يەردىكى سېھىرلىك خەت» ناملىق ئەسىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2012-يىلى 9- ئايدا ئامرىكا دۆلەت جۇغراپىيىسى ژورنىلى ئورۇنلاشتۇرغان جۇڭگو رايونى فۇتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە «تەبىئىي قۇم يېزا» ناملىق ئەسىرى تاللىنىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2013-يىلى 4- ئايدا «سۇلۇق يەردىكى سېھىرلىك خەت» ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات 4-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
فۇتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ھەققىدە :
ئابلىكىم ئەمەت ئانا يۇرتىمىزنىڭ بىپايان سېھىرلىك قوينىدىكى تىلسىملاردىن دۇردانىلارنى قېزىپ، يوقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە فۇتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان، گۈزەللىككە تەشنا قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان فۇتوگراف. ئۇنىڭ«ئادەم ۋە تەبىئەت» تېمىسىدىكى بىر قاتار ئەسەرلىرى مول تەسەۋۋۇرغا، مۇكەممەل قۇرۇلمىغا، كۆركەم نۇر سەنئىتىگە، سىرلىق ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بەدىئىي سەنئەتنىڭ جۇلالىق گۆھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گاھىدا بۇشلۇقتا لاچىندەك پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل ۋادىلارنى سۈرەتكە تارتسا بەزىدە مېھرى ئاتەش زېمىننى باغاشلاپ، كىشىنىڭ قەلبىنى لال قىلىدىغان جۇلالىق كارتىنىلارنى خاتىرىلەيدۇ. تەڭرىتاغ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جەسور، نازاكەتلىك قىياپىتىنى يوقىرى بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادىلەپ گۈزەللىك بابىدا رەڭگارەڭ گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر فۇتوگرافىيە سەنئىتى ساھەسىدە يۈكسەك پەللىنى يارىتىپ خەلقىمىز قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇسى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ