ئىسىم-فامىلىسى: ئەسقەر مۇھەممەت مىللىتى: ئۇيغۇر
يۇرتى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى
كۆك بۆرە مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچۇسى شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ئەسقەر كۆك بۆرە دەپ ئاتىشىدۇ. 1980-يىلدىن باشلاپ گىتتار ئۆگىنىشكە باشلىغان. 1982-يىلى كىنو ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1983-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 1991-يىلى كۆك بۆرە مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. 1994-يىلى 8-ئايدا ياپونىيە بىلەن شياڭگاڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغان پىلاستىنكا شىركىتى «ھەرپ پىلاستىنكىسى» بىلەن توختام ئىمزالاپ، بۇ پىلاستىنكا شىركىتىنىڭ 1-نومۇرلۇق ناخشىچىسى بولغان. ئۇ مۇزىكا ھاياتىدا كۆپلىگەن پىلاستىنكىلارنى چىقارغان. ئۇنىڭ «بەخت تىلەش» ناملىق پىلاستىنكىسى 2000-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو ناخشا-مۇزىكا شەرەپ تاختىسىدا 4-پەسىللىك ئون نادىر ناخشا بولۇپ باھالانغان.