خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچۈنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 14-دېكابىردىن 22-دېكابىرغىچە بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو گۈزەل-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان، بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى، دۆلەت مىللىي رەسىم يۇرتى، قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە تەشكىلىي كومىتېت 2000 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يىغىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 516 پارچە ئەسەر كۆرگەزمىگە تاللاندى. كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى مول بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ روھىي قىياپىتى ۋە بەختلىك تۇرمۇش ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو مىللەتلەر كۈتۈپخانىسىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل-سەنئىتىگە ئائىت نەشىر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى گۈزەل-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى