باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

21 – دېكابىر «خەلقئارا تاق چاڭغىدا قار تېيىلىش كۈنى» پائالىيىتى قىزىپ كەتتى(1)

2014.12.22 09:20   مەنبە: خەلق تورى

21 – دېكابىر «خەلقئارا تاق چاڭغىدا قار تېيىلىش كۈنى» پائالىيىتى قىزىپ كەتتى(1)

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى؛ فوتوسى: 21 – دېكابىر ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 12 – نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» قار – مۇز جىلۋىسى بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان 21– دېكابىر «خەلقئارا تاق چاڭغىدا قار تېيىلىش كۈنى» نى خاتىرىلەش كۆڭۈل ئېچىش، چاڭغا تېيىلىش پائالىيىتى بەكمۇ قىزىپ كەتتى. 22 – نويابىر بۇ يىللىق قىش پەسىللىك تىجارىتىنى باشلىغان «يىپەك يولى» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى شۇ كۈنى 7 مىڭدىن ئارتۇق چاڭغا تېيىلىش مەستانىلىرىنى كۈتۈۋالدى.

  چاڭغا مەيدانىدا «BOX» سۇپىسىدا تاق چاڭغىدا تېيىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر تۇرغۇن مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ تەنھەرىكەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا تۆت يىل بولۇپ قالدى، بۇ تۈرنىڭ كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان رىقابەت كۈچى ناھايىتى زور، شۇنداقلا قىيىنچىلىقى سەل يۇقىرىراق تەنھەرىكەت تۈرى. ھازىر ئۈرۈمچىدە بۇ تۈردىكى چاڭغىدا تېيىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مەخسۇس كۇلۇبلارمۇ قۇرۇلدى.

  ئىگىلىشىمچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە بۇ تۈردىكى چاڭغىدا مەخسۇس تېيىلىدىغانلار مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بەش يىلدىن ئارتۇق تېيىلىش تارىخى بارلار بۇ ساننىڭ يېرىمىغا يېتىدىكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ