باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاتاقلىق تولغانما ئۇسسۇل ناخشىچىسى ئەسقەر مەمەت(كۆك بۆرە)بىلەن خەلق تورىدا سۆھبەت (1)

2014.12.19 14:57   مەنبە: خەلق تورى

ئاتاقلىق  تولغانما ئۇسسۇل  ناخشىچىسى ئەسقەر مەمەت(كۆك بۆرە)بىلەن خەلق تورىدا سۆھبەت (1)






رىياسەتچى: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئېكران ئالدىدىكى كۆرۈرمەن دوستلار، ھەممىڭلارغا تونۇش بولغان داڭلىق تولغانما ئۇسسۇل ناخشىچىسى ئەسقەر مەمەت بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئەسقەر مەمەت ئاكا سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، ئالدى بىلەن ئېكران ئالدىدىكى كۆرۈرمەن دوستلارغا سالام يوللىۋەتكەن بولسىڭىز

  ئەسقەر: كۆرۈرمەن دوستلار ياخشىمۇسىلەر، مەن ئەسقەر كۆك بۆرە بولىمەن.

  رىياسەتچى: سىز شىنجاڭدىكى ئەڭ بۇرۇن تولغانما ئۇسسۇل مۇزىكىسى بىلەن شۇغۇللانغان كىشى، شۇ چاغدا قانداق سەۋەب بىلەن مۇشۇ خىل مۇزىكىنى ياقتۇرۇپ قالغانتىڭىز؟

  ئەسقەر: ئۇ چاغدا تولغانما ئۇسسۇلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق، ئۇ دەۋىردىكىلەرمۇ بۇ خىل مۇزىكىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتى، بۇ خىل مۇزىكا كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتاتتى.

  رىياسەتچى: سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزدىكى ناخشىلار، رىتىم ياكى ناخشا تېكستى جەھەتتە بولسۇن ، ھەممىسى تولىمۇ ئالاھىدە، سىزدىكى ئىجادىيەت ئىلھامى نەدىن كەلگەن؟

  ئەسقەر: مەندىكى ئىجادىيەت ئىلھامى تۇرمۇشدىن كەلگەن، تۇرمۇشقا بولغان ھېسىياتىمنى يازىمەن.

  رىياسەتچى: ئۇ دەۋرىدىكى شىنجاڭدا تولغانما ئۇسسۇل مۇزىكىسىنى ياكى تولغانما ئۇسسۇل ناخشىسىنى چۈشۈنىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىدى، سىز شۇ چاغلاردا ئەگەر تاماشىبىنلار ياقتۇرمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەنمىتىڭىز ؟

  ئەسقەر: ياق،ئۇ چاغدا ئۇنداق كۆپ ئويلىمايتۇق، بىز پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەتلا ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ خىل مۇزىكىنى ئورۇنداپ ناخشا ئېيتاتتۇق. كۆپچىلىكمۇ ناخشىمىزنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتى.

  رىياسەتچى: شۇ چاغدا سىز نېمىشقا شىنجاڭدا تەرەققى قىلىشنى ئويلىماي، بېيجىڭغا كېلىپ تەرەققى قىلىشنى ئويلىغان؟

  ئەسقەر: شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقىدا يۈردۈم، ئۇ چاغدا شىنجاڭدا ھەممە ئادەمگە تونۇلۇپ بولغان ئىدىم ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان، ئۇ دەۋرىدىكى بېيجىڭ چوڭ بىر سەھنە ئىدى، قەھرىمانلار يىغىلغان يەر، جىق نەرسىلەرنى ئۆگەنگىلى بولاتتى .

  رىياسەتچى: بېيجىڭغا ئوركېستىر بىلەن كەلگەنمۇ ؟

  ئەسقەر: ياق، مەن ئۇلارغا بېيجىڭغا بارىمەن دېسەم قوشۇلمىغان ئىدى، شۇڭا يالغۇز كەلگەن.

  رىياسەتچى: ئۇ ۋاقىتلاردىكى بېيجىڭدا ئوركېستىرلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، سىز يىراقتىن بېيجىڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇر ناخشىچى، ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى قانداق تاپقان ؟ بۇ جەرياندا قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىڭىز ؟

  ئەسقەر: چوقۇم جاپا بار، لېكىن بىز بەك خۇشال ئىدۇق جاپامۇ كۆزىمىزگە كۆرۈنمىگەنىدى . بىردىن بىر جاپا ئۆي ئىجارىسى قىممەت ئىدى، كېيىن دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە بۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدىم.

  رىياسەتچى: شىنجاڭدىكى خىزمىتىڭىزنى تاشلىۋەتكەندە ئۆيدىكىلەر قارشى تۇرغانمۇ؟

  ئەسقەر: قارشى تۇرغان، لېكىن مۇزىكا مېنىڭ ئارزۇيۇم، مەن مۇشۇ يولنى تاللىدىم ،ئۆزۈمنىڭ نىشانى بار ئىدى.

  رىياسەتچى: كۆپچىلىك سىزنى ئەسقەر 灰狼 دەپ چاقىرىدۇ، بۇ ئىسىمنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

  ئەسقەر: بىزنىڭ ئوركېستىرنىڭ ئىسمى بەك كۆپ ئىدى، مەن چى چىننىڭ «مەن شىمالدىن كەلگەن بۆرە » دېگەن ناخشىسىنى بەك ياقتۇراتتىم ۋە دائىم بۇ ناخشىنى ئېيتاتتىم شۇڭا دوستلىرىم مېنى بۆرە دەپ چاقىراتتى، شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئوركېستىرنى灰狼دەپ چاقىردىغان بولغان، بىزمۇ بۇ ئىسمىنى ھازىرغىچە ئۆزگەرتمىدۇق.

  رىياسەتچى: 13-دېكابىر خەلق سارىيىدا «بايانداي» فىلىمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتىڭىز، بۇ فىلىمىنىڭ ناخشىسىنى سىز ئېيتقان ئىكەنسىز ، رېژىسسور قانداق بولۇپ سىزدەك تولغانما ئۇسۇل ناخشىچىسىنى بۇ فىلىمنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىشقا تەكلىپ قىلدى؟

  ئەسقەر: مېنىڭ مۇزىكام دەل شۇ دەۋرىدىكى چىن تۇرمۇشنى يازغان بولۇپ، مۇشۇ فىلىمغا ماس كېلىدىكەن ، مەن سېنارىيەنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم ، شۇ دەۋرىدىكى چىن تۇرمۇشنىڭ تەسۋىرى ئىكەن.

  رىياسەتچى: نۇرغۇن كۆرۈنمەنلەر سىز نىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزغا قىزىقىدۇ بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

  ئەسقەر: مەن يېڭى مۇزىكا پلاستىنكىسى چىقارمىغىلى ئون يىل بولۇپتۇ ، يېقىندا يېڭى مۇزىكا پلاستىنكىسى ئىشلەۋاتىمەن، بۇ ئون يىلدىكى تۇرمۇشۇمنى يېزىپ چىقتىم.

  رىياسەتچى: سىزنىڭ بالىڭىزمۇ مۇزىكىغا قىزىقامدۇ؟

  ئەسقەر: ئىككىلا بالام مۇزىكىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ قوللايمەن.

  رىياسەتچى: سىز بىر داڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت. مىللەت بىلەن مۇزىكىنىڭ قانداق ئالاقىسى بار دەپ ئويلايسىز؟

  ئەسقەر: ئەلۋەتتە ئالاقىسى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا مۇزىكا ھۈجەيرىسى بار، مىللىتىمىز مۇزىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، مۇزىكىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مىللىتىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ.

  رىياسەتچى: ھازىرقى ياشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە قانداق قارايسىز ؟

  ئەسقەر: ياخشى ئىجادىيەتلەر كۆپ، لېكىن كۆچۈرۈش ئەھۋالى سەل ئېغىر، يەنىلا ئۆزى ئىجاد قىلالىسا ئۆزى ئىجاد قىلغىنى ياخشى دەپ ئويلايمەن . بىر ئىش قىلغاندا چىن كۆڭۈل بىلەن قىلىڭلار، ئاۋۋال ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش بەك مۇھىم.

  رىياسەتچى: رەھمەت سىزگە، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بىنجوۋدىكى بىر ئالى مەكتەپ 10 مىليون يۈەنگە توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737 تىپلىق بىر ئايروپلان سېتىۋى…
      ·بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى
      ·ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇني…
      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…