2014-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ش ئۇ ئا ر پارتكوم بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭگوغا سادىق قەلب-يولداش بۇرھان شەھىدىنىڭ ھاياتىدىن سۈرەتلىك كۆرگەزمە» مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جېڭۋېي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تېلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ش ئۇ ئا ر پارتكوم، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پايتەختتىكى ھەر مىللەت ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100دىن كۆپرەك كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇرھان شەھىدى سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، بۈيۈك ۋەتەنپەرۋەر، داڭلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى. ئۇ 1989-يىلى 8-ئايدا 95 يېشىدا بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سۈرەتلىك كۆرگەزمە «شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتلىنىش»، «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىش»، «يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش»، «ئاخىرقى ئۆمرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بېغىشلاش» قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 100پارچىدىن كۆپرەك سۈرەت ئارقىلىق بۇرھان شەھىدىنىڭ ھايات يولى يورۇتۇپ بېرىلدى.