خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:16-دېكابىر، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى شەھەر پېشاۋۇردا، كىشىلەر قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى دەپنە قىلماقتا. پاكىستان ھەربىي تەرەپ باياناتچىسىنىڭ 16-دېكابىر كەچ ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى شەھەر پېشاۋۇردا ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچراپ 141 ئادەم قازا قىلغان ، ئۇنىڭ ئىچىدە 132 نەپەر ئوقۇغۇچى ، توققۇز نەپەر مەكتەپ خىزمەتچىسى بار ئىكەن .
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى