خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنياغا تونۇلغان 9 ياشلىق دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل، روس قىزى كىرىستىنانىڭ ئانىسى فەيسبۇكتا ئەگەشكۈچىلەر مەخسۇس بېتى قۇرغان بولۇپ، پات ـ پات قىزىنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى تارقىتىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، كىرىستىنا مودىل بولۇپلا قالماي يەنە گىمناستىكا ماھىرى ئىكەن، دادىسى بولسا كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ، كىرىستىنادا ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەل گېنلىرى ئىپادىلەنگەن، ئۇ ئۈچ يېشىدىن باشلاپلا مودىللىق ھاياتىنى باشلىغان، فەيىسبۇك ئەگەشكۈچىلەر مەخسۇس بېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان 2 مىليۇن 420 مىڭ قوللاش سانى بولغان.