باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كېرىيەدە شائىر رېھىم نىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى(1)

2014.12.08 16:56   مەنبە: خەلق تورى

كېرىيەدە شائىر رېھىم نىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ۋە فوتوسى: يېقىندا، كېرىيە ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ،كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شائىر رېھىم نىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغۇلۇق ئېچىلدى.

  يىغىنغا ئاتاقلىق شائىر، ئالى مۇھەررىر، ژۇرنالىست، مەشھۇر ناتىق، مۆھتەرەم جامائەت ئەربابى، قابىل ئەدەبىيات سەنئەت تەشكىلاتچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال ،خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر ،تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، تونۇلغان شائىر ئۆمەرجان سىدىق، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇللا سۇلايمان، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، تونۇلغان يازغۇچى تۇرسۇنجان مۇھەممەت، يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ، يازغۇچى مەتسېلىم مەتقاسىم ، خوتەن ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شائىر ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر ،چەرچەن ناھىيەلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىر ئاسپارانتى رىسالەت مەردان خانىم ۋە تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئەدىبلەر ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى-شائىرلاردىن بولۇپ 200دن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  شائىر رېھىم نىياز 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى تۆۋەن مەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1969-يىلى 3-ئايدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، 1972-يىلى 3-ئايغىچە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى كېرىيە ناھىيەلىك ئوتتۇرا ئەترەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن. شائىر رېھىم نىياز ئەپەندى 1997-يىلى ھەربىي سەپتىن كەسپ ئالمىشىپ، 2002-يىلى 12-ئايغىچە ناھىيەلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇشۇمچە ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2002-يىلى 12-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە كېرىيە ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، 2008-يىلى 10-ئايدا شەرەپ بىلەن پىنسىيەگە چىققان. گەرچە ئۇ 2008-يىلى 10-ئايدا شەرەپ بىلەن پىنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، لېكىن ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى، كېرىيەدىكى يازغۇچى شائىرلارنىڭ تەلىپى بويىچە 2003-يىلى 9-ئايدىن ھازىرغا قەدەر كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە كېرىيەدە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان «كۆكبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئۇ ھازىر «كېرىيە» ژۇرنىلى ۋە «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» قاتارلىق نەشر ئەپكارلىرىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

  ئۇ 1982-يىللاردىن باشلاپ ئاخبارات سېپىگە قەدەم قويۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئۈچ قېتىم «شىنجاڭ خەلق ئەسكەرلىرى» گېزىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر» بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 1988-يىلى «ھەرىكەتتە بەرىكەت» دېگەن ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2004-يىلى «دېھقان ۋەكىلى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولدى» دېگەن ئاخبارات ماقالىسى «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق گېزىت-ژورناللاردىكى نادىر ئەسەرلەرنى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قارار قىلىش ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزىشى كېرەك» دېگەن مۇھاكىمە ماقالىسى 2006-يىلى«شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان. «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمىنى يارىتايلى» نامىلىق نەزەرىيىۋى ماقالىسى خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان« 50 يىلغا نەزەر سېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دېگەن چوڭ ھەجىملىك خەنزۇچە ماقالىلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىش- ئىزلىرى 2005-يىلى «ھازىرقى زاماندىكى جۇڭخۇا ئەزىمەتلىرى» دېگەن ئىككى قىسىملىق خەنزۇچە قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن.

  شائىر رېھىم نىياز 1988-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىغا يېقىن شېئىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، كېرىيەدە نەشر قىلىنغان «كۆكبۇلاق» (9 سان)، «كېرىيە» (14 سان)، «ئانا يۇرت سۆيگۈسى» (2 قىسىم)، «قاراقۇرۇم باغرىدىكى يېشىل مەرۋايىت-كېرىيە»، «مېھرى-شەپقەت شەجەرىسى» قاتارلىق 34 پارچە كىتاب ۋە ژورنالنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 2003-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۆڭمەس ئابىدە» نامىلىق داستانى، 2011-يىلى «كۆڭۈل پۈتۈكلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2014-يىلى «ھايات چېقىنلىرى» ناملىق داستانى نەشر قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئۆڭمەس ئابىدە» نامىلىق داستانى دۆلەتنىڭ «شەرق شامىلى» قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ قايتا نەشر قىلىنغان. ھازىر بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىشلەنمەكتە. ئۇ ھازىر ياش-ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلانغان دىداكتىك خارەكتىرگە ئىگە شېئىرلار توپلىمى« ئۈگۈتلۈك پاراڭلار» نامىلىق كىتابىنى نەشرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

  بۇنىڭدىن باشقا، شائىر رېھىم نىياز يەنە «قەدىمىي يۇرت كېرىيەدە مەشرەپ»، «قەدىمىي يۇرت كېرىيەدە نورۇز» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشكە باشلامچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان «كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچىكىنى قوغداش تۈرى» 2007-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، 2008-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

  تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا مۇھىم سۆزقىلىپ ، شائىر رېھىم نىياز نىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇرى .خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق رېھىم نىياز شېئىرلىرى ھەققىدە يازغان «تۆھپە قەدىرلىنىدۇ » ناملىق ماقالىسىنى، ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم‹‹ يارقىن ئىزلارنىڭ سېھىرلىك جۇلاسى ›› ناملىق ماقالىسىنى ، ياش شائىرە ئايىمنىسا سۇلايمان شائىر رېھىم نىياز شېئىرلىرى ھەققىدە يازغان « شېئىرنىڭ قاتلىمى » دېگەن ماقالىنى ئوقۇدى. جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى زاتلار، پارتىيە ،ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، شائىرنىڭ كەسىپداشلىرى، دۆسىتلىرى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى گۈل ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلىپ، شائىرنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلىدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  سۆرەتتە: يىغىن خاتىرلىرى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈز…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى  يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى