زىيارەت ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز بولغانلىقىدىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىپ شەرەپلىنىدىغانلىقى، بۇ كەسپىدىن ئىنتايىن رازىلىقىنى يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ ئۆتتى ۋە نۆۋەتتە ئالىي بىلىم ئوقۇللىرىدا ئوقۇشتەك كاتتا شەرەپلەرگە نائىل بولۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك ئۈگۈتلىرىنى بايان قىلدى.
بىرىنچى: ئەڭ ئاۋۋال ئاساسىي بىلىمنى پۇختا ئىگىلەش، مەيلى تەبىئىي پەندە ئوقۇڭ مەيلى ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇڭ، تىل ـ ئەدەبىيات كەسپى ناھايىتى مۇھىم كەسىپ، ئەدەبىيات ـ بارلىق پەنلەرنىڭ ئانىسى. نۆۋەتتە بۇنى تونۇپ يەتكەن بىر قىسىم تەبىئي پەن مەكتەپلىرىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا تىل ـ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ياشلار چوقۇم كەسپىڭىزنى سۆيۈڭ، ئانا تىلىمىز ھەقىقەتەنمۇ سۆيۈشكە ئەرزىگۈدەك ئېسىل بىر تىل ۋە مۇھىم كەسىپ، تىلىمىز بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ ئاساسى. شۇڭا بۇ كەسپكە ھەسسىلەپ مۇھەببەت بېرىڭ.
ئىككىنچىسى: ئەستايىدىل بولۇڭ. ئىملالىق خەت يېزىڭ. كونىلاردا «جايىدا، ئىملالىق يېزىلغان خەت گۈزەلنىڭ يۈزىدىكى خالغا ئوخشايدۇ، ئۇ خەتكە تېخىمۇ گۈزەللىك قوشىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىملاسىز خەت ئانا تىلىمىزغا بولغان بىر خىل مەسئولىيەتسىزلىك، ھۆرمەتسىزلىك. بۇ نۇقتىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش زىيالىدىكى ئاساسىي بىلىم شۇنداقلا ئاساسىي مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچىسى: ئۈندىدار ئويناش بىلەن بولۇپ كەتمەڭ. ھازىرقى ۋاقىتنى كومپىيوتىر ئۇچۇر دەۋرى دەيمىز. لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ مۇھىمى ئاساسىي زېھنىيىتىنى بىلىم ئېلىشقا يۆتكەپ، باشقا ئىلغار مىللەتلەرگە يېتىشۋىلىش. ياشلارنىڭ تىرىشىشى بىزنىڭ پەن ـ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالغا بېسىشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ياشلار ئۈندىدارنى ئاز ئويناپ ۋاقىتنى ياخشى پىلانلاپ ۋە كونترول قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشى كېرەك.