ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قارىتا مۇنداق ئىككى پىكىرنى بايان قىلدى.
1. تەزكىرە تەرجىمىھال ئەدەبىياتىمىزغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلسە، نۆۋەتتە بىزدە ۋاپات بولۇپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان مۆتىۋەر ئالىملىرىمىز، داڭلىقلىرىمىزنىڭ پۈتۈن ھايات كارتىنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەرجىمىھاللار يوق، بار بولغىنى پەقەتلا قىسقىچە تەرجىمىھالى. ئەمەلىيەتتە بىر ئالىمنىڭ ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ. قىسقىچە تەرجىمىھال بۇنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ئامالسىز. شۇڭا يازغۇچىلىرىمىز ئالىملىرىمىزنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەزكىرە تەرجىمىھالىغىمۇ كۆپرەك كۈچىسە.
2. ئەدەبىي ئاخبارات ژانىرىغا كۆپرەك كۈچىسە. ئەدەبىي ئاخبارات ھازىر جاۋاپلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنى ياخشى يېتەكلەش رولىغا ئىگە. نۆۋەتتە ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقان كارخانىچىلار، ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركۈملەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. يازغۇچىلار ئىلغار شەخسىلەرنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى كۈچەپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ توغرا يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرسا، كۆپرەك ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقاتسا.