خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1- دېكابىر،قاتتىق سوغۇقنىڭ تەسىرىدە، بېيجىڭدە تېمپېراتۇرا ئۇدا تۆۋەنلەپ، بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل قىشتىكى تۇنجى قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمنى كۈتۈۋالدى. بېيجىڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، شۇ كۈنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گرادۇسغا چۈشۈپ قالغان، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 7 سېلسىيە گرادۇس غا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ يىل قىشتىكى ئەڭ تۆۋەن گرادۇس ئىكەن.سۈرەتتە قىشلىق كىيىملىرىنى كىيىۋالغان كىشىلەر.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى جىن شو فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى