باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

2014.11.30 23:00   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

  مەركەزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى 28-نويابىردىن 29-نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى ۋە خەلقئارا ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دىپلوماتىيە زور فاڭجېنىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا، ئېلىمىز بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشىمۇ مىسلىسىز قويۇقلاشتى، ئېلىمىزنىڭ دۇنياغا تايىنىشى، خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىشى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا تايىنىشى، ئېلىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ئېلىمىز ئىسلاھات، تەرەققىياتنى كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرى، خەلقئارا ۋە دۆلەت بايلىقى، خەلقئارا ۋە دۆلەت قانۇنىيىتىنى بىر تۇتاش ئويلىشىشى ھەم ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بولۇشى لازىم. بىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تاشقى خىزمەت قارىشىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى خىزمىتىنى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇپ، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە قىلىشىمىز؛ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات يولى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، قىممەت قارىشى، مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان تىنچ دىپلوماتىيە فاڭجېنى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكىمىز، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قۇربان قىلماسلىقىمىز؛ خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى، دۆلەتلەرنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز، باي-نامرات دەپ ئايرىماي ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى دېيىش، دۇنيىانىڭ تەقدىرىنى چوقۇم ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىرلىكتە قولىدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي، چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورنىتىپ، يېقىن، سەمىمىي ئۆتىدىغان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان دىپلوماتىيە قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، قوشنىلار بىلەن ئەپ، شېرىك ئۆتۈش، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلارنى خاتىرجەم قىلىش، قوشنىلارنى بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش؛ چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي، ياخشى پىلانلاپ، ساغلام، مۇقىم بولغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋەت رامكىسىنى ئورنىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش؛ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىز بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ھەم سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىش؛ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسى ئۈستىدە تېرىشىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق تېخىمۇ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ
      ·ئېلىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ
      ·جۇڭگودىن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆك تاشلىق كىتابىدا بۇلتۇر چەت ئەلد…
      ·2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ
      ·تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقىسى 
      ·مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىن…
      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى  بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى