خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر كانبېررادىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-نويابىر كانبېررادا ئاۋستىرالىيە باش ۋالىيسى كوسگروۋى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن ئاۋۋال كوسگروۋى باش ۋالىي سارىيى ئالدىدىكى چىملىقتا تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەن يېتىپ بارغاندا باش ۋالىي كوسگروۋې ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىللە كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئاۋستىرالىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. (دۇ شاڭزې، لى جىڭۋىي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)