ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل فوتوسى،خەۋىرى: ھاۋا كۈندىن –كۈنگە سۇۋۇۇپ كەتتى. ئەمما بۇيىل قىش خوتەن ۋىلايىتىدىكى 765 نەپەر ئۆسمۈر ‹‹بىر يۈەن فوندى››ئىللىقلىق سومكىسى بىلەن قىشنى ئىسسىق كىيىنىپ ئۆتكۈزىدۇ.
16-نويابىر كېرىيە ناھىيەسىدە ‹‹بىر يۈەن فوندى››ئىللىقلىق سومكىسىنى خوتەن ۋىلايىتىدە تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ،280مىڭ يۇەن قىممىتىدىكى 765دانە ئىللىقلىق سومكىسى كېرىيە ،نىيە ناھىيسىدىكى 13ياشتىن تۈۋەن نامرات، مېيىپ ئۆسمۈرگە تارقىتىلدى. بۇ ‹‹بىر يۈەن فوندى››ئىللىقلىق سومكىسىدا 12خىل بۇيۇم بار بولۇپ،ئۇلار مامۇق چاپان، پوسما،شارپا، قولقاپ،قىشلىق ئاياغ، پايپاق، ئوقۇغۇچى سومكىسى،يېزىش-سىزىش قۇراللىرى، تەبىئى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئوقۇشلۇقى، ئۈششۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاستىسى دىن ئىبارەت.
‹‹بىر يۈەن فوندى››داڭلىق كىنو چۆلپىنى لى لىيەنجىيې نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2007-يىلى قۇرۇلغان خەيىر-ساخاۋەت فوندى بولۇپ،‹‹بىر يۈەن فوندى››ئىللىقلىق سومكىسى نامرات رايونلاردىكى ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يولغا قۇيۇلغان.2012-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزغا بۇ تۈر ئەمىللەشكەندىن كىيىن ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 6290نەپەر ئۆسمۈر ‹‹بىر يۇەن فوندى››ئىللىقلىق سومكىسىدىن بەھىرلەندى.
16-نۇيابىر مۇراسىمغا جوڭگۇ ياش پىدائىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىريەت ئەزاسى،شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائى تەشكىلاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتىتىنىڭ مۇدىرى ،‹‹شىنجاڭ خەيىر-ساخاۋەت ئەلچىسى››يالقۇن ئوسمان،شۇنداقلا خوتەندىكى ئابىدە،ئاسپىرانىت مائارىپ ياردەمچىلىرى،بۇلاق، يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى،ئەنجۈر،بىلىپ ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى قاتارلىق خەيىر-ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىنىڭ خادىملىرى قاتناشتى ۋە بالىلارغا مۇلازىمەت قىلدى.
كېرىيە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىگى دىكى ئارتىسلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قوللاپ ئىسىل سەنئەت نومۇرلىرنى ئۇرۇنلاپ،كىشىلەرنى خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىنى تەشەببۇس قىلدى.كېرىيەدىكى 2000دىن ئارتۇق ھەرمىللەت ئامما ‹‹بىر يۇەن فوندى››ئىللىقلىق سومكىسىنى خوتەن ۋىلايىتىدە تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆردى ۋە سەبى قەلىبلەر ئىللىقلىتىن شادلانغان سىماسىنى كۈرۈپ تەسىرلەندى.