تۇرپان ۋىلايەتلىك ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئۇسسۇل ئوينىماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:16-نويابر. لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قۇمۇلغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتنىغان تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا، تۇرپان ۋىلايەتلىك ناخشا -ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن كەلگەن 6 ئارتىست،ئۈرۈمچىدىن پويىزغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلنى ئويناپ، تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتارغانيولۇچىلارنى قارشى ئالدى. ئۇلار يولۇچىلارنى تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغىچە ئۇزۇتۇپ قويۇپ،پويىزدىن چۈشۈپ كەتتى . ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ لەرزان ئۇسسۇلىرى تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدىكى گۈزال مەنزىرەگە ئايلاندى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى