خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:13-نويابر، كورىيە ھاۋا ئارمىيەسى قارا بۈركۈت ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى خاپانباش قونچاق سىياقىدا تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ئەسلىدە 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسىدە ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسەتمەكچى بولغان كورىيە ھاۋا ئارمىيەسى قارا بۈركۈت ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايروپىلان ئەۋەتەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇچقۇچى ۋە مەمۇرىي خادىملاردىن تەشكىللەنگەن كىچىك ئەترەت ئەۋەتىپ، كۆرگەزمە مەيدانىدا تاماشىبىنلار بىلەن پىكىرلەشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ گۇاڭ فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى