خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لوندۇن ۋاقتى 13-نويابىر، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئەر، 2.51 مېتىرلىق سۇلتان كۈسەن بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئەر ، ئېگىزلىكى 0.546 مېتىر كېلىدىغان چاندرا باخادۇر دانكى لوندونغا كېلىپ دۇنيا جېنس رېكورتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىگە قاتناشتى.