خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-نويابىر چۈشتىن كېيىن APEC دۆلەت يىغىن مەركىزىنىڭ ئاخبارات مەركىزىدىكى «پىدائىيلار ئائىلىسى»دە ئالاھىدە تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، تەشكىلىي كومىتېت 11-ئايدا تۇغۇلغان پىدائىيلارغا كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئادەتتە ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتىدىغان پىدائىيلارغا APEC نىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېيجىڭ ئو ت م (ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزى) قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە پىدائىي بولغان 78 ياشلىق پىدائىي سەي شيۇلەنمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ، ياشلارغا بەخت تىلىدى ۋە ياشلارنى جەمئىيەت ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن شو فوتوسى.)