باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسىدىكى سودا كۆۋرۈكىنىڭ سەركىسى ـــ قارلۇق(1)

2014.11.04 17:46   مەنبە: خەلق تورى

ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسىدىكى سودا كۆۋرۈكىنىڭ سەركىسى ـــ قارلۇق(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچى خوڭگۇاڭشەن خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى، يەرمەنكىگە جۇڭگو-چەتئەل خۇسۇسىي سودا كارخانىلىرى قاتناشقاندىن سىرت، شىنجاڭدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىمۇ قاتناشتى. شىنجاڭ قارلۇق مېدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى قارىمىقىدىكى قارلۇق سودا كۆۋرۈكىمۇ بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە نامايان بولدى. قارلۇق سودا كۆۋرۈكى شىنجاڭدىكى رايونلۇق تور بەتلەر ئىتتىپاقى سۇپىسى ھەم شىنجاڭدىكى بىرىنچى تور بەت ئىتتىپاقى سۇپىسى. قارلۇق سودا كۆۋرۈكى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تور بەت ئىتتىپاقى بەيدۇنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى رايونلۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە. تور بەت ئىتتىپاقى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى بازارلاردا ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن ۋە مۇكەممەللەشكەن كەسپ بولۇپ قالدى، تور بەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى كارخانىلاردىن تۆۋەن قاتلىمىدىكى تور بەت ئىگىلىرىگىچە تور بەتلەر ئىتتىپاقى سۇپىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بىر تەرەپتىن يۇقىرى قاتلامدىكى كارخانىلارغا نىسبەتەن مىڭلىغان تور بەتلەرگە كېڭەيتىش ۋە مۇناسىۋەت ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى، زېھنى كۈچىنى تېجەپ قالىدىغان بولۇپ، بارلىق ئېھتىياجىنى تور بەتلەر ئىتتىپاقى سۇپىسىدىكى سىستېمىدا بىر يولدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تۆۋەن قاتلامدىكى تور بەت ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بارلىق زېھنىي كۈچىنى تور بەت مەزمۇنى ۋە يۈرۈشتۈرۈشكە قارىتىپ، سودا كېڭەيتىشتىكى مەبلەغ كەمچىللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، كەسپ ئىگىلىرى پەقەت كەسپىي ئىشلارنى قىلىدۇ. قارلۇق سودا كۆۋرۈكى دەل بۇ 1-نويابىردىكى بازار ئېھتىياجىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىرىنچى تور بەتلەر ئىتتىپاقى سۇپىسى بولۇپ قالدى، كەسپىي سودا بايلىقى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، تور بەت ئىگىلىرىگە سودا سۇپىسى تەمىنلىدى، كارخانىچىلار ۋە ھەرخىل مەھسۇلاتلار ئۈچۈن كەسپىي تور ئېلانى كېڭەيتىش سۇپىسى تەمىنلىدى. مەزكۇر سۇپا شىنجاڭدىكى 200 دىن كۆپ سەرخىل تور بەتنى جەملىگەن، تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق 200 دىن ئارتۇق تور بەتكە ئېلاننى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلغىلى بولىدۇ، ئېلان ئۈنۈمىنى ئىز قوغلىغىلى بولىدۇ، پەقەت ئابونتلار چەكسىلا ئاندىن ھەق ئېلىنىدۇ، چەكمىسە ھەقسىز كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت قارلۇق سودا كۆۋرۈكى تور بەت ياساش، ئېلان لايىھەلەش، مەھسۇلات ئورالمىسى لايىھەلەش، يېڭى مېدىيەلەرنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭدا قارلۇق سودا كۆۋرۈكىدىن باشقا تولۇق مۇلازىمەت تەمىنلىيەلەيدىغان بىرمۇ تور بەت ئىتتىپاقى سۇپىسى يوق. ئەمىسە قارلۇق سودا كۆۋرۈكى سۇپىسى نېمىشقا قىلالايدۇ؟شىركەت مەسئۇلى ئېيتىدۇكى، قارلۇق شىركىتىنىڭ ئۆزى ئىنتايىن مول لايىھەلەش ئاساسىنى ھازىرلىغان، كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى كۆپ خىللاشقان كەسپ قۇرۇلمىسى قارلۇق سودا كۆۋرۈكىنىڭ بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئاساس سالغان.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز