باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى چىڭداۋدا كۆرگەزمە قىلىندى (4)

2014.11.03 16:19   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى چىڭداۋدا كۆرگەزمە قىلىندى (4)

  چىڭداۋ ئاخبارات تورى 2-نويابىر خەۋىرى : ‹‹ شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ چوڭ بازارنى ئايلىنىش ›› كۆرگەزمىسى 2-نويابىر چىڭداۋ ئولىمپىك يەلكەنلىك كېمە مەركىزىنىڭ 2- نومۇرلۇق زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ، باغ - ئورمانچىلىق ، چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى ، ساياھەتچىلىك ، مېزىلىك تائاملار قاتارلىق ئالتە تۈر بويىچە 300 خىلدىن ئارتۇق تەبىئىي، يېشىل ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەھەر ئاھالىلىرىغا تونۇش بولغان شىنجاڭ ئۈزۈمى، ماتاڭ ، شىنجاڭ چوڭ نېنى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە ، كۆرگەزمە 1- نويابىردىن 6-نويابىرگىچە ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە شەھەر ئاھالىلىرى مەھسۇلاتلارنى تېتىپ كۆرۈپ سېتىۋالسا بولىدىكەن .

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە قىلىنغان مەھسۇلاتلار زىيانسىز ، يېشىل يېمەكلىك ۋە ئورگانىك يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، تۇرپان ئۈزۈمى ، قومۇل قوغۇنى ، كورلا نەشپۈتى ، ئاقسۇ ئالمىسى ، چاقىلىق چىلىنى ، خوتەننىڭ قەغەز ياڭىقى ، جىڭ ناھىيەسى ئالقىتى ۋە يەنە بادام ، نوقۇت ، پەمىدۇر قىيامى ، ھەسەل، ئۈستقۇددۇس قاتارلىق شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىدىن ئورۇن ئالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەھسۇلاتلار ھەم ئېسىل ھەم ئەرزان بولۇپ، ئېتىبار پائالىيەتلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن . شەھەر ئاھالىلىرى تۇرپان ئۈزۈمى ، كورلا نەشپۈتى ، ئاقسۇ ‹‹ فۇجى ›› ئالمىسى ، خوتەننىڭ چوڭ چىلىنى، قۇرۇق ئۈزۈم ، بادام ، ئەنجۈر، ئالقات، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى نەق مەيداندا تېتىپ كۆرسە بولىدىكەن؛ كۆرگەزمىدە يەنە نەق مەيداندا پىشۇرۇلغان شىنجاڭ تونۇر كاۋىپى، نان، سامسا ۋە گۆش پولو قاتارلىق شىنجاڭنىڭ مىللىي تائاملىرىمۇ بار ئىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، قۇرۇق يەل - يېمىش ۋە ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ئالاھىدە باھادا سېتىلىدىكەن .

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز