خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئۆكتەبىر، پەيزىۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەلە يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدا، بۇ يېزىنىڭ 10 مەمۇرىي كەنتىدىن كەلگەن 1200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى بىرلىكتە كوللېكتىپ ئۇسسۇل ــ «دېھقانلارنىڭ كىچىك ئالمىسى»نى ئوينىدى، يىپەك ئەتلەس قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ ئۇسسۇلنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
شۇ كۈنى، بۇ يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دېھقانلارنىڭ كىچىك ئالمىسى» كوللېكتىپ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە 17-18 ياشلىق ياشلاردىن 80 نەچچە ياشلىق ياشانغانلارغىچە قاتنىشىپ، ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق زامانىۋى دېھقانلارنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلدى، مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئۇسسۇل مۇسابىقىسىنى كۆردى.
مەنبە: خەلق تورى