خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئۆكتەبىر كەچتە «2014-يىللىق جۇڭخۇا خانقىزلىرى يەر شارى مۇسابىقىسى»نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گۇاڭجۇ جۇخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە ئاخشىمى10 نەپەر خانقىز مۇسابىقىگە چۈشتى، ئاخىرىدا فرانسىيەدىن كەلگەن 6-نومۇرلۇق ماھىر ليۇ چوڭچىڭ بۇ نۆۋەتلىك «جۇڭخۇا خانقىزلىرى»نىڭ چېمپىيونى بولدى، شاڭخەيلىك قىز خې ۋېنچىڭ 2-، جياڭسۇلۇق قىز ياڭ شۆ 3-بولدى. سۈرەتتە: نەتىجىگە ئېرىشكەن ئۈچ خانقىز. (جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن جىڭ فوتوسى)