خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پولات نىياز، مېھرىگۈل مۇھەممەدلەر خەۋىرى، فوتوسى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانىدا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۈلۈمى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئىتىپاق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى، جوڭگۇ ئارزۇسىنى ياڭرىتايلى» تېمىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇچە، خەنزۇلار ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، پائالىيەتتە خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل مىللەتلىرىدىن 60 ماھىر ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ، نەتىنجە ئىرىشكەن ماھىرلار دەرىجىلىرى بويىچە ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى
پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۇرەتلەر
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى