خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9 يىل بۇرۇن، يېڭىلا توي قىلغان كورلىلىق زوھراگۈل بىر خەنزۇ قىز بوۋاق بېقىۋالدى، بىراق بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش ئىدى. 9 يىل ۋاقىت ئىچىدە، زوھراگۈل ۋە ئېرى يېڭى ئۆيىنى سېتىپ، ھەر تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، مېڭە پاراللىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 22 نەپەر ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ بالىنى بېقىۋېلىپ، ھەر تەرەپكە قاتراپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۇرسەت ئىزدەپ، ئۇلار ئۈچۈن مېھىرگە تولغان بىر ئائىلىنى بەرپا قىلدى. زوھراگۈلنىڭ قەلبىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ دەپ ئايرىما يوق. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەممىمىز ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە، ئۇيغۇرنىڭ ياكى خەنزۇنىڭ بالىسى بولسۇن، ھەممىسى ئانا مېھرىگە موھتاج»
20-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو تور ئىشلىرى ــــ تەسىرلىك 2014» ئۈچىنچى پەسىللىك تور شەخسلىرىنى باھالاش نەتىجىسىدە، زوھراگۈل مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى