خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: «ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى» ناملىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان «تۈمەن تال بەخت ئالمىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى» بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە ئاقسۇ شەھىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. نەپىس ئوراپ قاچىلانغان قىپقىزىل ئالمىلارغا ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ مەخسۇس بەلگىلىرى بېسىلىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بولغان تىلەكلىرى مۇجەسسەملىنىپ، پوچتىدا مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىغا ئەۋەتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى» يۈرۈشلۈك تاشقىي تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىر مىليون 200 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغى چۈشۈردى. «ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى» ناملىق بۇ پائالىيەتنى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى» چوڭ تىپلىق يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش، ۋىلايەتتىكى ئاز سانلىق مىلللەت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بېيجىڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ شۇجايدىكى ئوقۇغۇچىلار بىىلەن دوستلۇق ئورنىتىشقا تەشكىللەش، «ئېكولوگىيەلىك تارىم دەرياسىغا سەپەر» مەملىكەت بويىچە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى بىرلەشمە زىيارەت-ئاخبارات پائالىيىتى ۋە «تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ئاقسۇلۇقلار» تېلېۋىزىيە مەخسۇس تېمىلىق نومۇرلىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئاقسۇنىڭ ئىناق، مۇقىم، باياشاد، مەدەنىيەتلىك يېڭى قىياپىتىنى كۆپ نۇقتىدىن سىرتقا تەشۋىق قىلدى.
بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى سىرتقا نامايان قىلىپ، ۋىلايەتنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى ھازىرلاپ، مەلۇم دەرىجىدە ۋىلايەتنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئاقسۇ ئالمىسى قىزاردى» ناملىق پروگرامما ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى ئاقسۇلۇقلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قاناتيايدۇرۇپ، ئىچكىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان 30 نەچچە ئاقسۇلۇقنى تاللاپ تەشۋىق قىلغان، بۈگۈن ئىچكىرىدىكى بۇ ئاقسۇلۇقلارغا نەفس ئوراپ قاچىلانغان ئاقسۇنىڭ ناۋات ئەتلىك ئالمىلىرى ئەۋەتىلدى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى