باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

فوتوگراف ھەسەنجان مەمەتئېلى ھەققىدە(1)

2014.10.21 13:46   مەنبە: خەلق تورى

فوتوگراف ھەسەنجان مەمەتئېلى ھەققىدە(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق قىممىتى ئۇنىڭ ئوقۇغان مەكتىپى، ئېغىزدىكى گېپى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، تىرىشىش روھى ئارقىلىق نۇرلىنىدۇ. ھەسەنجان مەمەتئېلى 26 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق ھاياتلىق مۇساپىسىنى نۇرلاندۇرۇپ كەلگەن تۆھپىكار باغۋەنلەرنىڭ بىرى. ھەسەنجان مەمەتئېلى 1967-يىل 9-ئايدا دولان مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان ئەڭ قەدىمقى يۇرت ـــ ئاۋات ناھىيىسىنىڭ تامتوغراق يېزىسى قوۋۇق كەنتىدە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1986-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 12-ئايغىچە ئاۋات ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر ئاۋات ناھيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تاشقى-تەشۋىقات ئىشخانىسىدا كەسپى فوتوگراف بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، 2006-يىلىدىن باشلاپ فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىگە زور ئىشتىياق باغلاپ، پىشقەدەم فوتوگرافلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىپ، «تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ سۈرەتلىك ژورنىلى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاقسۇ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 1800پارچىدىن ئارتۇق بەدىئىي سۆرەت ۋە سۆرەتلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2009- يىلى شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان«ئېكولوگىيە لوڭقىسى» فوتو-سۆرەت مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك، ‍2010- يىلى «كۈسەن لوڭقىسى بەدىئىي سۈرەت مۇسابىقىسى»دە 1-دەرىجىلىك، 2011- يىلى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ئۇيۇشتۇرغان «ئېرپان لوڭقىسى بەدىئىي سۆرەت مۇسابىقىسى»دە 3-دەرىجىلىك، شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتى ئۇيۇشتۇرغان، «بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش» تېمىسىدىكى بەدىئىي سۈرەت مۇسابىقىسىدا 2-دەرىجىلىك، 2011- يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ ئاخباراتچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «مىنىڭ نەزىرىمدىكى بۇ يىل» تېمىسىدىكى بەدىئىي سۈرەت مۇسابىقىسىدا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يەنە 2012- يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسدا 4 پارچە ئەسىرى ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلانغان ۋە يۇقارقى نەتىجىلىرى بىلەن 2012-يىلى يىل ئاخىرىدا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى باشلامچى» بولۇپ تەقدىرلەندى. نۇرغۇن بەدىئىي سۆرەتلىرى ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ مۇكاپاتلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز