باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاۋات ناھىيەسىدە 3-نۆۋەتلىك دولان مەدەنىيىتى يېمەك ـ ئىچمەك بايرىمى باشلاندى(6)

2014.10.20 16:44   مەنبە: خەلق تورى

ئاۋات ناھىيەسىدە 3-نۆۋەتلىك دولان مەدەنىيىتى يېمەك ـ ئىچمەك بايرىمى باشلاندى(6)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توغراقلىقتا ساياھەتچىلەر دولان يېمەك ـ ئىچمەكلىرى ۋە مۇسەللەسنى قانغۇچە يېدى ۋە تېتىدى، دولان ناخشا ـ ئۇسسۇللىرى ۋە چېلىشىشتەك ئەنئەنىۋى ماھارەتلىرىنى كۆردى. 17-ئۆكتەبىر، «جۇڭگو دولان مەدەنىيەت يۇرتى» دېگەن گۈزەل نامى بار ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دۆلەت تۆت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، جۇڭگودىكى ئەڭ سىرلىق «دولان قەبىلىسى» ــــ دولان كەنتىدە، «شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاچپاقا شاھى» شۇنداقلا ئاۋات ناھىيەسى 3-نۆۋەتلىك دولان مەدەنىيىتى يېمەك ـ ئىچمەك بايرىمى باشلىنىپ، ساياھەتچىلەر ۋە تاماشىبىنلارغا چەكسىز شادلىق ئاتا قىلدى.

  بۇ قېتىملىق يېمەك ـ ئىچمەك بايرىمى بىر كۈنلا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ،200 دىن ئارتۇق يېمەك ـ ئىچمەك، مېۋىچىلىك شىركەتلىرى قاتناشتى، بۇ پائالىيەت ئاۋات ناھىيەسى ۋە ناھىيە بازىرىدىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىمۇ قاتناشتى. قاتناشقان ئامما ئاۋاتنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھرلىنىش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك يېمەك ـ ئىچمەك، نازۇ ـ نېمەت، مېۋە ـ چېۋىلەردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز