باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن سېھىرگەرلىك مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى(3)

2014.10.16 15:28   مەنبە: خەلق تورى

ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن سېھىرگەرلىك مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى(3)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باۋفېڭ ناھىيەسىدە باشلانغان جۇڭگو باۋفېڭ 6-نۆۋەتلىك سېھىرگەرلىك مەدەنىيەت بايرىمى بۈگۈن ئاياقلىشىدۇ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن 67 تاللانغان نومۇر ئىچىدىكى 17 نومۇر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. 15-ئۆكتەبىر كەچ سېھىر ئۇستىسى ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن سېھىرگەلىك ماھارىتىنى نامايان قىلدى، گەرچە ئۇنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىش ـ ئېرىشمەسلىك تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق سەھنىدىكى ئاجايىپ يۇقىرى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلانغان ماھارەتلەر تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرۇپ، مەيداننى باشقىچە زىلزىلىگە سالدى.

  كەچتىكى مۇكاپاتلاش كېچىلىكىدە كۆرسىتىلىدىغانغا بارلىق نومۇرلاردىن ئىككى نومۇر تاللانغان بولۇپ، ئەنۋەرنىڭ نومۇرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە! (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى)

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز