باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى – تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»تۇرپاندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى(3)

2014.10.16 10:25   مەنبە: خەلق تورى

«شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى – تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»تۇرپاندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى(3)

  پائالىيەتتە ئازاد سۇلتان، ئۆمەرجان مۇھەممەت قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم سۆز قىلدى، تۇرپان شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتاقلىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو»، ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»ناملىق شېئىرلىرىنى، ئىمىن ئەھمىدى، ياسىن زىلال، روزى نىياز، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، دىلشات قېيۇم، تۇرغۇن جالالىدىن، ئېلى ھىمىت، رېھىم نىياز، پەرھات باھايىدىن، مۇھەممەتجان مەخمۇت قاتارلىقلار ۋەتەنپەرۋەرلىك، يۇرت سۆيگۈسى، ئىنسانىي سۆيگۈ، مىللىي ئەخلاق تېمىسىدىكى نادىر شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى. مەھمۇد زەيدى، ۋەلى كېرەم، بارىجان زەپەر، ئابدۇراخمان ئابدۇللا، ھەبىبۇللا رەجەپ قاتارلىقلار تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، يازغۇچى، ژۇرنالىست مۇھەممەت شاھنىيازنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. رەئىس ئازاد سۇلتان بىلەن ياسىن زىلال «تارىم»ژۇرنىلىغا ۋاكالىتەن، مۇئاۋىن ۋالىي ئۆمەرجان مۇھەممەت بىلەن ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مۇھەممەت شاھنىيازغا تون ياپتى، دوپپا كەيدۈردى. يىغىن ئەھلى يەنە مۇھەممەت شاھنىيازغا ھەر خىل شەكىللەردە كۆڭۈل ئىزھار قىلدى. ئاخىرىدا مۇھەممەت شاھنىياز ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. پائالىيەت ناھايىتى داغدۇغىلىق، قىزغىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈلدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز