خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-قارارلىق«جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە بېيجىڭ پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى،پەرھات ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۇ ئاللىقاچان 1-بولۇپ بولغان ئىدى.ئۇستازلارنىڭ قەلبىدىكى«ئەڭ ئالاھىدە ياخشى ئاۋاز» ئىچىدە ئۇ ئۈچ يىلدىن بويانقى ئەڭ تالاش-تارتىشتا قالغان ئاۋاز بولدى، پەرھاتنىڭ ئالاھىدە ئاۋازىنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تاماشىبىنلار ياقتۇردى، پەرھات ماھارىتىنى كۆز-كۆز قىلمايدۇ، سەھنىدە شۇنداق تەبىئىي، پەرھات ئاللىقاچان گېرمانىيەدە نام تاپقان بولسىمۇ، كەمتەرلىك بىلەن ئۆز ئىشىنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى