بېيجىڭدا 8-ئۆكتەبىر سەھەر سۇس تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ ، كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدىكى كۆرۈش ئارىلىقى 1~2 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولدى . بېيجىڭ شەھەرلىك مېتېئورلوگىيە ئىستانسىسى سائەت توققۇزدا تۇماندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى ۋە كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە ھاۋارايى شارائىتى ھاۋادىكى بۇلغىما ماددىلارنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز ، كۆپ قىسىم جايلاردا ئوتتۇرا دەرىجىدە ، قىسمەن جايلاردا ئېغىر دەرىجىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ ، دېدى